ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتى دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى بىر ھۆكۈمەت ھەيئىتى خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولغان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-ئاپرىل كۈنى باشلانغان بۇ زىيارەتتە ئۇلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشكەن. ئەركىن تۇنىياز ئۇچرىشىشتا «خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، مەدەنىيەت ساياھىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش» نى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى يۇقىرىدا دېيىلگەن ساھەلەر بويىچە ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلارنىڭ توختام ئىمزالاش مۇراسىملىرى بولۇپ ئۆتكەن.

«خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونى» بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر، يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆپەيمەكتەبۇ يىل 3-ئايدا خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ ۋېييۈەن ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ «خوڭكۇڭ ۋە شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆلەش، خوڭكۇڭ-شىنجاڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئەينى چاغدا ئامېرىكادىكى خوڭكۇڭلۇق پائالىيەتچىلەر رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرىدا، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ چىڭىيىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدار قىلىشتىكى قاتتىققول تەدبىرلىرىنى خوڭكوڭغا كۆچۈرۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ باھالىغان ئىدى. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى» نىڭ باشلىقىنى خوڭكۇڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قاراۋۇلخانىسىغا باشلىق قىلىپ يۆتكىگەن ئىدى.