مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئەركىن تۇرسۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان

9-ئاپرېل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىل تۇتۇلۇپ كەتكەن تېلېۋىزىيە مۇخبىرى ئەركىن تۇرسۇننىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن سۆزلەشكە مەجبۇر بولغان ئەركىن تۇرسۇن ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەنىدى.

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىمغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇپ، بەدنام-تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇلغانلارنى گۇۋاھلىققا تارتىپ، يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقى كۆپلەپ ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەركىن تۇرسۇننىڭمۇ «مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىق جىنايىتى» تۈپەيلىدىن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى، «ئۆز ئاغزى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈمەتنىڭ كەڭچىلىكىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

19-ئاپرېل مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەركىن تۇرسۇننى دەرھال قويۇپ بېرىشى، بۇنداق ئاخبارات خادىمىدىن يالغان تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر كومىتېت ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ستېۋىن باتلىر مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن تۇرسۇندەك بىر مۇخبىرنى تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىشى ناھايىتى قەبىھ ۋە رەزىل ئۇسۇلدۇر. خىتاي ئەگەر ئىنسانپەرۋەر بولالىسا، ئەركىن تۇرسۇن ۋە باشقا مۇخبىرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشى كېرەك».

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە قانىلى (CGNT) غا بۇ ھەقتە خەت يازغان بولسىمۇ ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئۆتكەن يىل 1-دېكابىر ئېلان قىلىشىچە، خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلار 47 گە يەتكەن بولۇپ، خىتاي بۇ يىلىمۇ دۇنيا بويىچە مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ قامالغان ناچار دۆلەت ھېسابلانغان.