د ئۇ ق باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن روزۋېلىت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

(Roosevelt Foundation) ئامېرىكادىكى روزۋېلت فوندى جەمئىيىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋە ۋە باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىنى تەقدىرلەش مەقسىتى بىلەن ئۇنىڭغا «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بەرگەن.

روزۋېلت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىگە ئاساسەن «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلىدىكەن. بۇ ئەركىنلىك مېدالى ھەر يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت 1941-يىلى ئېلان قىلغان تۆت ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا تارقىتىلىپ كەلگەن.

روزۋېلت فوندى جەمئىيىتى «تۆت ئەركىنلىك» نىڭ رەسمىي تورىدا زۇمرەتئاي ئەركىنگە ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىش سەۋەبى مۇنداق بايان قىلىنغان: «زۇمرەتئاي ئەركىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ باردى. زۇمرەتئاي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ دۇنيا مىقياسىدىكى ئاياللار ئۈچۈن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇردى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوللاش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، دىنى ۋە تىلىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. زۇمرەتئاي ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا».

مەزكۇر ئەركىنلىك مۇكاپاتى «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1982-يىلى روزۋېلت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنىغان ۋە ھازىرغىچە كۆپلىگەن شەخس ھەم تەشكىلاتلارغا «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەن. مەزكۇر تۆت ئەركىنلىك سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.