ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەركىنلىك سارىيى 25-فېۋرال يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنياغا مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى كېڭەيتىشتە يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسى خەلقئارالىق قوللاش ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە دېموكراتىيەگە قارشى ئۆز ئالدىغا بىر خىل باشقۇرۇش مودېلى سۇنۇپ، مۇستەبىت كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ئىگىللىشى، ئۇلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئادىل رىقابەت پرىنسىپلىرىغا كۆز يۇمۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇش شەكلىنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەرمەكتە» ئىكەن.
دوكلاتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەنە ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىدلىگەن ھۆكۈمەتلەرگە ۋە چەتئەل تەشكىلاتلىرىغا تەھدىت سېلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يېڭى دەلىللەر شى جىنپىڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پىلانلاش ھەم ئىجرا قىلىشتا قولى بارلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەرەپلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېگىنىگە كەلگەن.
دوكلاتتا، مارىئوتنىڭ چېخىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر مېھمانخانىسى 2021-يىلى 11-ئايدا «سىياسىي بىتەرەپلىك» نى باھانە قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئېچىشىغا يول قويمىغانلىقى، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى دەپ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشتىن توختاپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئەركىنلىك سارىيى «مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ يەر شارىغا كېڭىيىشى» ناملىق مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىشىچە، ئەركىنلىك يەرشارى خاراكتېرلىك جىددىي تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە، شۇنداقلا لىبېرال دېموكراتىيەنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۇجۇمنى كۇچەيتمەكتە ئىكەن.