ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» بۈگۈن، يەنى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتايدا قانداق قىلىپ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ بۈگۈنكى مەخسۇس سۆبىتىگە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دورجى سېتېن، تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن لىن فېيفەن ۋە خوڭكوڭلۇق سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن جېفرېي نىگو قاتارلىق 4 كىشى تەكلىپ قىلىندى.
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ بۈگۈنكى مەخسۇس سۆھبىتىگە «ھەرىكەت رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
بۈگۈنكى سۆھبەت ھارپىسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ئۆزىنىڭ «بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىم يەنە ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز پۇرسىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە نۇقتىلىق پىكىر بايان قىلىدىغانلىقىنى، يەنى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئىچ يۈزى، لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.