ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي بىلەن بىرمانىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دۇنيا مىقياسىدا ئۇدا 14 يىل تۆۋەنلىگەن. بۇلار دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار ئىككى دۆلەت بولۇپ باھالانغان.
ئەركىنلىك سارىيى يىللىق ئەركىنلىك دوكلاتى ئۈچۈن دۇنيادىكى تور ئابونتلىرىنىڭ تەخمىنەن %87 نى تەشكىل قىلغان 72 دۆلەتنى تەكشۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 41 دۆلەت بۇ يىل مەملىكەتلىك سايلام ئۆتكۈزىدىكەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يىللىق ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئون يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇدا تۆۋەن ئورۇنغا تىزىلىشى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن ئايرىپ چىقىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كومپارتىيەگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان مەزمۇنلارنى توسىدىغان «چوڭ مۇداپىئە تېمى» ياساپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تور ئەركىنلىكىدىكى نومۇرى بەك تۆۋەن بولغان.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغان، خىتايدا ئىنتېرنېتنى ئومۇميۈزلۈك كېسىۋېتىش ۋەقەسى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا كۆرۈلگەن. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى 10 ئايلىق ئىنتېرنېت كېسىلىشتىن كېيىن 2014-يىلى 7-ئايدا يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يەنە پۈتۈن ناھىيە بويىچە تەكرارلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتا ئەڭ چەكلەيدىغىنى سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئائىت تېمىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ھەم شۇنداقلا تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا ئائىت تېمىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتە بۇ تېمىلاردىكى مۇلاھىزە قىلغۇچى ۋە تور قوللانغۇچىلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» قا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن جازالاپ كەلگەنلىكى مەلۇم.