ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بولغان (Freedom House)«ئەركىنلىك سارىيى» 29-فېۋرال كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى باھالاپ چىقىلغان 2023- يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ قېتىمقى يىللىق باھالاشتا تولۇق نومۇر بولغان 100 نومۇرنىڭ ئاران توققۇزىغا ئېرىشىپ «دۇنيادىكى ئەركىنلىك بولمىغان» دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. خىتاينىڭ سىياسىي ئەركىنلىك نومۇرى ئالاھىدە تۆۋەن بولۇپ، تولۇق نومۇر بولغان 40 تىن مىنۇس ئىككى (2-) نومۇر ئالغان؛ ئىجتىمائىي ئەركىنلىك جەھەتتە بولسا تولۇق نومۇر بولغان 60 تىن ئاران 11 نومۇر ئالغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى، جۈملىدىن لاگېرلار، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىش، ئانا تىلىدىن چەكلەش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىش قاتارلىق سىياسەتلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ بۇ رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ باھالىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىگە قارىتىۋاتقان ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىدىن باشلاشنى، خىتايچىنى يېتەكچى تىل قىلىپ تۇرغۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇردى. ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى، ئۆلىمالىرى، مۇزىكانتلىرى ۋە دىنىي زاتلىرىغا قارىتىلغان تۇتقۇن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ھەرىكىتى بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي رەھبەرلىك قاتلىمىغا داۋاملىق زىيان سالماقتا.»