ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» 10-ئاينىڭ 31-كۈنى «سىياسىي مەھبۇسلار خەلقئارالىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن X (تىۋىتتېر) دا قىسقا ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرمىگە سولىغان ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەتچىلەر» نى قويۇپ بېرىشكەن چاقىرغان.
بۇ ۋىدىيودا كۆرسىتىلگەن «سىياسىي مەھبۇسلار» ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغان پىروفېسسور، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن دوختۇر گۈلشەن ئابباس، «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان نامايىشنىڭ ۋىدىيوسىنى ۋىچاتتا ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن 3 يىللىق كېسىۋېتىلگەن كامىلە ۋاھىت قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان.
«ئەركىنلىك سارىيى» X دا يوللىغان ئۇچۇرىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنيا بويىچە سىياسىي مەھبۇسلار ئەڭ كۆپ سولانغان دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، مۇخبىرلار، تورلاردا ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھەق سولىنىپ، ئەقەللىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەردۇر» دەپ يازغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «سىياسىي جىنايەتچى» دەپ تۇتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، 2016-يىلدىن باشلاپلا بۇ ساننىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2021-يىل ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەركىلىرىنى—تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىرلارنى سىياسىي سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.