ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە 2 مىليونغا يېقىن يېزا ئەمگەك كۈچى يۆتكەلگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ئاز كەم 2 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ، ئىشقا سېلىشنى بىر خىل «مۇقىملىق تەدبىرى» سۈپىتىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبتىكى ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى «مۇقىمسىزلىق ئامىلى»، دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا باشقا يۇرتلارغا يۆتكەپ كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرى بىر مىليون 974 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىر مىليون 82 مىڭ ئادەم قېتىمى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن يۆتكەلگەن. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، پەقەت 16 مىڭ 500 ئادەم خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن. خەۋەردە بۇ يىللىق پىلاننىڭ 76 پىرسەنتىنىڭ ئورۇندالغانلىقى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىگە قاراتقان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھېچقانداق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەمىناتى يوق، ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ 4‏-ئايدا قارار چىقىرىپ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 40 مىڭ ئادەمنى شىمالدىكى ۋىلايەت، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر بۇ ئىككى ۋىلايەتتىن 38 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بىراق يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە يۆتكەلگەن ئاز كەم 2 مىليون ئادەم قېتىملىق بۇ يۆتكىلىشنىڭ يۇقىرىقى 38 مىڭ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.