خىتاي ھۆكۈمىتى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ نام بېرىلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغانلىقىنى تەنتەنە قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىدىغان «ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ 3-پەسلى ئاياغلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا جەمئىي 72 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ، «ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان» ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى «شۇ جايدا ياكى يېقىن جايلاردا ۋە ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن شوئار بويىچە قەشقەر ۋە خوتەندىن 3 يىل ئىچىدە 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا قوشنا ناھىيەلەردىكى ۋە ياكى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشچىلىققا ئاپىرىلىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى قاتارىدا ئىشلىتىلمەكتىكەن.
«ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا ئالدىنقى 3 پەسىلدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى 9045 نەپەر ئىكەن.
تېخى يېقىندا «تەڭرىتاغ تورى» بىر خەۋەر تارقىتىپ، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» گە ئاساسەن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئادەم سانىنىڭ 25 مىڭ 199 نەپەرگە يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىن 7637 نەپەر كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىلدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا پايدىلىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە خەلقئارا قانۇنلاردىن مىسال كەلتۈرۈپ، «يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش ئەمەلىيەتتە يەرلىك مىللەتلەر ھەققىدىكى خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق» دېدى.