ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «جىنايەتچىلەر» نىڭ خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن 11 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» ئىككى مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
بۇ سىياسەت بويىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت-بىر ئوبلاستىنىلا 82 مىڭ ئادەم جاي-جايلارغا يۆتكەلگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، يەنە 25 مىڭ 378 ئادەم خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلارغا ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئاتالمىش 82 مىڭ ئېشىنچا كۈچىنىڭ ئىچىدىن تاللانغان، ياكى ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئايرىم ئېلىپ كېتىلگەنلىكى نامەلۇم.
خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن مەزكۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ «خىتاي كارخانىلىرىغا تەشكىللىك يۆتكەلگەن» لىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئىلگىرى رادىئومىز ئىگىلىگەن بەزى خەۋەرلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردىن ئاز دېگەندە بىر نەچچە يۈز كىشىنى خېيلوڭجاڭنىڭ تەيلەي ناھىيەسىگە يۆتكىگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.