ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە كوللېكتىپ يۆتكەپ كېتىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن سەپەرۋەر قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدىنلا شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ بېرىلغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» 2000 دىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار جىنەن، چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلەردىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار ۋە يېمەكلىك ساھەسىدىكى كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتتىن بولغان ياشلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا جەلپ قىلىنماقتىكەن.
«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن 1800 نەپەر ياش «غەربىي قىسىمغا ياردەم بەرگۈچى ستۇدېنتلار پىلانى» دېگەن لايىھە بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا جەلپ قىلىنغان ئىكەن.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى ۋە خىتاي ياشلىرىنى «غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جەلپ قىلىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.