خىتاينىڭ ئېستونىيە زىيالىيلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئېستونىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئېستونىيە زىيالىيلىرىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئېستونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى خېتىدە دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي توغرىسىدا نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنىڭمۇ تارقالغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقى ئىنكار قىلىنغان، بۇنىڭ ھەممىسى ئامېرىكانىڭ تەشۋىقاتى، دەپ تەنقىد قىلىنغان ۋېدىيۇلارنى يوللىغان.

«ئېستونىيەلىكلەردۇنياسى» تورىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئېستونىيە زىيالىرىنىڭ پىكىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ خەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى لېتۋا پارلامېنتىغا سۇنۇلغان مەزگىلدە يېزىلىشى دىققەت قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇنداق قارار لايىھەسىنىڭ ئېستونىيە پارلامېنتىدىمۇ سۇنىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. «ئېستونىيەلىكلەر دۇنياسى» خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئېستونىيە زىيالىيلىرىغا يۇتۇبتىكى 2 ۋىدىيونى قوشۇپ يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋىدىيۇلارنىڭ بىرى سىبەل ئېدمونتس ئىسىملىك تۈرك ئايالنىڭ 2015-يىلى ئېلان قىلغان «ئامېرىكا شىنجاڭنى خىتايغا قارشى قوللانماقچى» دېگەن مازمۇنىدىكى شەخسى ئانالىزى ئىكەن. ئېستونىيەلىك شەرقشۇناس مارتى كالدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئېلخەت ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ فېيسبۇكتا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، خىتاينىڭ ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغانلىقى، بىراق «پىكىرىنىڭ سېتىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.