بۈگۈن19-ئىيۇل كۈنى گۇاڭجۇ خۇادۇ رايونىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خۇادۇ رايونىدا قۇرۇلماقچى بولغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇدى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنىڭ داۋامى ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ،كۆپ ئادەم يارىلانغان.
گۇاڭجۇ خۇادۇ رايونى ئاھالىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇدى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى 15-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ،مەلۇم بولۇشىچە 19-ئىيۇل جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا باشلانغان نارازىلىق نامايىشىغا تەخمىنەن 20 مىڭدەك گۇاڭجۇ ئاھالىسى قاتناشقان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا تولۇق قوراللانغان ساقچى،ئەسكەرلەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، 19-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا ساقچىلار نامايىشچىلارنى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىش جەريانىدا بىر كىشى ئۆلگەن.
نۆۋەتتە، خىتاي شەھەرلىرىدە ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش مەسىلىسى جىددىي مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، بىرلەشمە سەھەر گېزىتى ھەمدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى 18 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ 30% تىن ئارتۇق شەھەرلىرى ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.