خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي 2015-يىللىق «ۋىجدان ئەلچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2015-يىلدىكى «ۋىجدان ئەلچىسى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى دەپ ئېلان قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل بۇ مۇكاپاتقا يەنە ئامېرىكىلىق ناخشىچى جوئان بائېزمۇ ئېرىشكەن. مۇكاپات مۇراسىمى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىبى سەۋەبلىك ئەي ۋېيۋېينىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەي ۋېيۋېي ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان سەنئەت ئەسەرلىرى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان سەنئەتكار بولۇپ، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن ئەي ۋېيۋېي 2011-يىلى «باج تاپشۇرمىدى» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 81 كۈن قاماپ قويۇلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقانداق سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت يىغىلىشلارغا قاتنىشىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە.