ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ «سۈت پاراشوكى دۆلىتى» ناملىق سەنئەت ئەسىرى خوڭكوڭدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى

خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي يېقىندا «سۈت پاراشوكى دۆلىتى» ناملىق بىر قۇراشتۇرما رەسىم ئىجات قىلغان. رەسىم 1815 دانە سۈت پاراشوكى قۇتىسى خىتاينىڭ دۆلەت خەرىتىسى شەكلىدە قۇراشتۇرۇلغان.

10 مېتىر كەڭلىك ۋە 8 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ رەسىم خوڭكوڭدا كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ۋە چەتئەل جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەي ۋېيۋېي بۇ رەسىمى ئارقىلىق خىتايدىكى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەي ۋېيۋېي بۇ ئەسىرى ھەققىدىكى باياناتىدا، خىتايدا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىدىغان بىر مېخانىزمنىڭ تېخى قۇرۇلمىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ئەۋلادلىرىنىڭ بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خىتايدا 2008-يىلى سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ ۋەقەدە 6 بوۋاق سۈپەتسىز سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن؛ 300 مىڭدىن ئارتۇق بالىلارنىڭ سۈپەتسىز سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشكەنلىكى ئاشكارىلانغان.