خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بۇ يىللىق ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى-ۋىجدان ئەلچىسى مۇكاپاتىنىڭ خىتاي ئۆكتىچى ۋە سەنئەتچى ئەي ۋېيۋېيگە لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مۇكاپات ئەي ۋېيۋېي بىلەن بىرگە يەنە، ئامېرىكىلىق ناخشىچى جوئان بائىزغا بېرىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، بۇ مۇكاپات ئەي ۋېيۋېي ۋە جوئان بائىزنىڭ « ھاياتى ۋە خىزمىتى ئارقىلىق ھوقۇق ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە يېتەكچىلىك رولى» ئۈچۈن لايىق كۆرۈلگەن.
بېرلىندىكى يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سالىل شاتىي ئەي ۋېيۋېي بىلەن جوئان بائىزغا باھا بېرىپ، بۇ ئىككىيلەننى «ئاسىيادىن ئامېرىكىغا قەدەر ۋە باشقا رايونلاردا مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تەسىرلەندۈردى» دېدى.
بۇ يىل 57 ياشلىق ئەي ۋېيۋېي ئاتاقلىق خىتاي مودېرنىزم سەنئەتكارى. ئۇ، «چاڭگا» ناملىق 2008-بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سەنئەت لايىھەلىگۈچىسى ئىدى. بىراق ئەي ۋېيۋېي خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە پارىخورلۇقنى تەنقىدلىگەچكە، ئۇ 2011-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 81 سولاپ قويۇلغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەپ قويغان ئىدى.
سالىل شاتىي باياناتىدا يەنە، «ئەي ۋېيۋېي ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق بىزنىڭ ئېسىمىزگە شۇنى سالدى، ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك. جەمئىيەت ئۈچۈنلا ئەمەس، سەنئەت ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن» دېدى.