خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋىې خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىدىكى ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇم ھەيكەللەرنى 6 دانە چوڭ تىپتىكى داتلاشقان تۆمۈر ساندۇق ئىچىگە قاچىلاپ چىقىپ، ئۇنى ۋېنىتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر گۈزەل سەنئەت فېستىۋالىغا قاتناشتۇرغان.
فېستىۋالنى زىيارەت قىلغۇچىلار خۇددى كارتون ئۆيلەرگە ئوخشايدىغان بۇ تۆمۈر ساندۇقلار ئىچىگە قارىغىنىدا، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دىكتاتور تۈزۈمىنى كۆرۈۋالالايدىكەن. ئەي ۋېيۋىې ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ يېرىم مېتىر كېلىدىغان بۇ تۆمۈر قۇتىغا ئۆزى تاماق يەۋاتقان، ئۇخلاۋاتقان، ھاجەت قىلىۋاتقان، مۇنچىغا چۈشۈۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بېشىدا قاراپ تۇرغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مۇم ھەيكەللىرىنى ئورناتقان.
ھەر بىر قۇتىغا ئايرىم-ئايرىم قىلىپ قويۇلغان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن زىيارەتچىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئەي ۋېيۋېينىڭ 2011-يىلى 81 كۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاماپ قويۇلغاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى كۆرۈۋالالايدىكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەي ۋېيۋېي پاسپورتى تېخىچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن فېستىۋالغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسىرى ئۆزگىچىلىكى بىلەن فېستىۋال تاماشىبىنلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر فېستىۋال دىرېكتورى گرەگ ھىلتىي «ئەي ۋېيۋېينىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەر ناھايىتى ئېچىنىشلىق. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ھەم بىر شەخسى بايان، ھەم بىر سىياسىي بايان. بۇ، بىر كىشىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىزدىشى دېگەنلىكتۇر» دېگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئەسەرنىڭ ۋېنتسىيىدىكى بىر كاتولىك چېركاۋىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇشىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاتولىك چېركاۋى بىلەن بولغان يىرىك مۇناسىۋەتلىرىگە قىلىنغان بىر ئىشارەت ھېسابلىنىدىكەن.