ئەي ۋېيۋېي نيۇ-يورك مەمەتجان ئابدۇللا قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ پورتىرىتىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ

ئاتاقلىق خىتاي سەنئەتچى ئەي ۋېيۋېي، «لەگو» قۇراشتۇرما ئويۇنى مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ژۇرنالىست مەمەتجان ئابدۇللا، يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن قاتارلىق دۇنيادىكى 176 نەپەر ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ پورتىرىتىنى قۇراشتۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ قۇراشتۇرۇپ چىققان ۋىجدان مەھبۇسلار پورتىرىتى 27-سېنتەبىر نيۇ-يورك شەھىرىدە كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلايدۇ.

مەمەتجان ئابدۇللا، نۇرمەمەت ياسىندىن باشقا پورتىرىتى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان 176 ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئافرىقا رەھبىرى نېلسون ماندېللا، تىبەت ناخشىچى لولو، ئامېرىكىلىق ئېدۋارد سنوۋدېن قاتارلىق شەخسلەر بار. ئەي ۋېيۋېي بۇ پورتىرىتلارنى بىر مىليون 200 مىڭ «لەگو» پارچىسىدىن قۇراشتۇرۇپ چىققان.

خىتاي مەركىزى رادىئۇس ئىستانسىسىنىڭ سابىق مۇخبىرى مەمەتجان ئابدۇللا 2009‏-يىلى قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. نۇرمەمەت ياسىن 2003‏-يىلى نويابىردا «ياۋ كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى سەۋەبلىك 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئەي ۋېيۋېينىڭ مەزكۇر سەنئەت كۆرگەزمىسىنى ئامېرىكا «فور سايت» ناملىق ئاممىۋى سەنئەت ئورنى ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ قۇرغۇچىسى شېرىل خېينىز: يالغۇز خىتايلا ئەمەس،، پۈتۈن يەر شارىدىكى سۆز ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى تېما قىلىش، ئەي ۋېيۋېي ئۈچۈن زور سەكرەش، دېگەن.