ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ ئەي ۋېيۋېينىڭ بېيجىڭدىكى ئىجادىيەت ئۆيىگە ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئۈسكۈنىسى ئورناتقانلىقى پاش بولغان.
بۇ خەۋەر ئەي ۋېيۋېينىڭ دوستى ليۇ شاۋيۇەن ئارقىلىق تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىش يېقىندا ئەي ۋېيۋېي گېرمانىيەدىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بايقالغان. رېمونتچىلار ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۆيىنى قايتىدىن بېزەۋاتقان ۋاقىتتا، مېھمانخانا، ئىشخانا ۋە ياتاق ئۆي بولۇپ 3 ئورۇنغا مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاڭلاش ئۈسكۈنىسىنى تاپقان.
ئەي ۋېيۋېينىڭ ئانىسىنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى ئەي ۋېيۋېينى تۇتقۇن قىلغان ۋاقتىدا بۇ ئۈسكۈنىنى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئىجادىيەت ئۆيىگە ئورناتقان بولۇشى مۇمكىنكەن.
مەلۇمكى، ئەي ۋېيۋېي خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىدىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن تىركىشىۋاتقان داڭلىق سەنئەتكار. ئۇ 2011-يىلى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، بېيجىڭدا 81 كۈن قاماپ قويۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ 4 يىلغىچە قولىغا بېرىلمىگەن. بۇ يىل 7-ئايدا ئاندىن پاسپورتى قايتۇرۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئەي چىڭ خىتاي ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىر بولۇپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىغا سۈرگۈن قىلىنغان.