ئەي ۋېۋېي غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆز پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشقا ئۈندىدى

خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېۋېي «غەرب دۆلەتلىرى تۆلەيدىغان بەدەل قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتايغا رىقابەت ئېلان قىلىشتىن چېكىنمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

ئەنگلىيەنىڭ «گۋاردىئان» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەي ۋېيۋېي نيۇيوركتا ئېچىلغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى چېكىنىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەك ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىقىغا قىلچىلىكمۇ پۇرسەت قالمىدى» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە بارغانسېرى كۆپ سىياسەتچىلەرنىڭ ھازىر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى ئۆزىنىڭ پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشقا ئۈندىگەن. ئۇ «خىتاي ئۆزىنىڭ تىجارەت شېرىكلىرىنىڭ سۆزىنى ئىلىك ئېلىشنى، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك، غەرب ھۆكۈمەتلىرىمۇ خىتاينىڭ شۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك» دېگەن.