خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋاڭ چيۇيۈننىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ب د ت نىڭ ئاياللارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.
ۋاڭ چيۇيۈن ب د ت يىغىنىدا، خىتاينىڭ «ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش ئەھدىنامىسى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى ئىدى.
بىراق، خىتاي ساقچى ئورگانلىرى يېقىندا خېنەندە ئولتۇرۇشلۇق مەزكۇر ئايال پائالىيەتچىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق خېبېي شەھىرىدىن ئايرىلىشىنى چەكلىگەن. بۇ قېتىملىق خەلقئارا يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ «كېسەل سەۋەبلىك» يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، «مەن ساقچىلارغا ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا نەچچە قېتىم ئايال ئەيدىز بىمارلىرىغا، كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان ئاتا-ئانىسى ئەيدىز بىمارى بالىلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولساممۇ، بىراق نېمىشقا بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمىدىم» دېگەن.
دائىرىلەر ۋاڭ چيۇيۈننىڭ خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلەشتىن 2-3 كۈن ئاۋۋال، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئايالى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئەيدىز يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنى ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.