فەيسبوك شىركىتى ئاز دېگەندە 4 خىتاي شىركىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فەيسبوك شىركىتى خۇاۋېي شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە خىتاينىڭ 4 شىركىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

مەلۇمكى، خۇاۋېي شىركىتى قاتارلىق خىتاينىڭ ھۆكۈمەت قولى بولغان ئۇچۇر-ئالاقە شىركەتلىرى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن مەزگىل كۆزىتىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئۇچۇرلىرى ۋە مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى بىلەن چەكلىمە قويۇش تەلەپ قىلىنىۋاتقان شىركەتلەردۇر.

فېيسبۇكتىن ئىبارەت دۇنياۋى كۆلەم ياراتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شىركەتلىرى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىشى تۆنۈگۇندىن بۇيان ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

سېناتور مارك ۋارنېر فەيسبوك شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە فەيسبوك قوللانغۇچىلارنىڭ شەخسىي ماتېرىياللىرىنى تەمىنلىگەن-تەمىنلىمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، فەيسبوك شىركىتى 5-ئىيۇن كۈنى بايانات بېرىپ، خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان توختامىنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا 3 شىركىتى بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگىمۇ خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ھالبۇكى، فەيسبوك شىركىتى باش دىرېكتور زاكىربېرگنىڭ 4-ئايدىكى گۇۋاھلىقىدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ يۈزلىگەن خەتلىرىگە تېخىچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى فەيسبوك قوللىنىدىغان بولۇپ، چەتئەللەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى فەيسبوك ئامبىرىدا ساقلانماقتا ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر فەيسبوك شىركىتىنىڭ راستىنىلا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شىركەتلىرى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇ چاغدا فەيسبوك قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭمۇ خىتايغا كېتىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەسكەن.