باۋ تۇڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ جياڭ زېمىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن باستۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.04.24


4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ جۇڭنەنخەينى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىگە 15 يىل تولغان خاتىرە كۈن. خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن باۋ تۇڭ بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «يېڭى ئېرا» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان باش جىنايەتچىنىڭ جياڭ زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فالۇنگوڭ ھەرىكىتى 1992 - يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇرتلىرى خىتاي مىقياسىدا ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن ئىدى. 1999 - يىلى ئون مىڭلىغان فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ باش شىتابى جۇڭنەنخەي ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن فالۇنگۇڭ ھەرىكىتى بىر كېچىدىلا تونۇلۇپ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. ئەمما بۇ ھەرىكەت ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان.

باۋ تۇڭ ماقالىسىدە ئەينى چاغدا فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ تىنچ نامايىش قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەتتا نامايىش قىلغان يەرلىرىنىمۇ سۈپۈرۈپ تازىلاپ تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىر جۇ رۇڭجى فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاپ، مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلغان. ئەمما ئاپتوموبىلى بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن جياڭ زېمىن ئونمىڭلىغان ئاممىدىن ئەندىكىپ كېتىپ دەرھال بۇ ئادەملەرنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1999 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى ھەققىدە مەخسۇس قارار ئېلان قىلىپ، فالۇنگۇڭ تەتقىقات مەركىزىنى قانۇنسىز ئورگان دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى خۇراپىيلىقنى تەرغىپ قىلىپ خەلقنى ئالدايدىغان، قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزىدىغان تەشكىلات دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەنە شۇ قاراردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىلەرگە سولانغان فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ سانى ئاز دېگەندە 6000، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 3000، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنلەرنىڭ سانى بولسا 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. باۋ تۇڭ سۆزىدە «جياڭ زېمىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن باشلانغان بۇ باستۇرۇش خىتاينىڭ پاجىئەسىدۇر، ئۇلارنىڭ تىنچ تەلىپىنى باستۇرۇش بىر خاتالىق ئىدى» دەپ بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.