ئامېرىكا-ۋىيېتنام مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇمشىشى خىتايغا باش ئاغرىقى بولىدىكەن


مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىشى خىتاينى باش ئاغرىقىغا مۇپتىلا قىلىدىكەن.

دۈشەنبە كۈنى ۋىيېتنامدا ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋىيېتنامغا قارىتىلغان قورال - ياراغ ئېمبارگوسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئوباما ۋىيېتنام پرېزىدېنتى تران دايچۇئاڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا مۇنداق دېگەن: «بىر ئەۋلاد ئىلگىرى دۈشمەن ئىدۇق، ھازىر بىر دوستىمىز.»

ئۇ يەنە ۋىيېتنامغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىنىڭ خىتاي ۋە باشقا ئەندىشىلەر تۈپەيلى ئېلىنمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ۋىيېتنام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتايغا قىسقا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك باش قېتمچىلىقى تېپىپ بېرىدىكەن.

رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر مۇلاھىزىگە قارىغاندا، ھەربىي مەشغۇلات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ۋىيېتنام ئامېرىكىدىن ئالىدىغان رادار، سەزگۈچ، رازۋېدكا ئايروپىلانى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ۋېيتنامنىڭ خىتاي قوشۇنلىرىنى كۆزىتىش ۋە نىشانغا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈررىدىكەن. خىتاي بۇ رېئاللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشچە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ۋىيېتنام ئوبامانىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى ئاسىياغا مەركەزلەشتۈرۈشۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئاچقۇچلۇق دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن.

مۇلاھىزىدە بىر ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە يەنە، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق ئەزەلدىن كۆزلەپ كېلىۋاتقان ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كەم ران باي بازىسىنى ئىشلىتىش ئارزۇسىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامغا قارىتىلغان قورال ياراق ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاارارى خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا زېمىن ئىگىلەش قەدىمى تېزلەتكەن، سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.