ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي خاككېرلىرىغا جازا ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىر تۈركۈم خىتاي خاككېرلىرىغا جازا ئېلان قىلدى. شۇنىڭدەك بۇ خاككېرلارنى قولغا ئېلىش خىزمىتىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى «ئەنشۇن» (i-Soon) ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ جوۋ شۇەي، يىن كېچېڭ قاتارلىق سەككىز نەپەر خىزمەتچىسى ھەمدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى كۆپ خىل شەكىلدىكى خاككېرلىق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. بۇلار خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەر، دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىرنەچچە مىنىستىرلىقنى ئاساسلىق «ئوۋ نىشانى» قىلغان.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خاككېرلار تور يازارمەنلىرى ياكى «ئەنشۇن» شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىدە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇيرۇلغان نۇقتىلارغا «تور ھۇجۇمى» قىلغان ھەمدە غايەت زور مىقداردىكى ئوغرىلانغان ئۇچۇرلار بەدىلىگە «رازى بولغۇدەك مۇكاپاتلانغان.» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ خاككېرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەن ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە ئۇلار دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ زور ۋە ئەڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن تەھدىت بولۇپ قالماقتا» دېگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، جوۋ شۇەي ۋە يېن كېچېڭ قاتارلىق سەككىز خىتاي خاككېرنى قولغا ئېلىش خىزمىتىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن مۇكاپات بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى جازا بېرىش پائالىيىتىگە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلارمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان.