«فېڭچياۋ ئۇسلۇبىدىكى ساقچىخانىلار» ئۇيغۇر دىيارىغا يامراشقا باشلىدى
2021.08.31
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن بىر يۇقىرى پەللە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىدىكى ساقچىخانا قۇرۇلۇشى» نىڭ پۈتۈن رايون مىقياسىدىكى كېڭىيىشىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارنى «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىدىكى ساقچىخانا» شەكلىدە ئىش كۆرۈشكە چاقىرىق قىلماقتىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىدىكى ساقچىخانىلارنى باھالاش مۇسابىقىسى» گە نامزات تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋېڭ ۋېنلەي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ؛ «بىز بۇ قېتىم ئاددىيلا قىلىپ نامزات تاللاۋاتقىنىمىز يوق. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل ئۇسلۇبنى پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ساقچىخانىلارغا ئومۇملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ شەھىرىگە قاراشلىق جۇجى ناھىيەسىنىڭ فېڭچياۋ يېزىسىدىكى كادىرلار «ئاممىنى تولۇق قوزغىتىپ زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ يۈرمەيلا شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىۋېتىش، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ياخشىلاش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە كۆپلەپ سىناق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن «جەمئىيەت تەرتىپىگە زىيانلىق» دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ دېلوسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىنمايلا شۇ جاينىڭ ئۆزىدە «تولۇق بىر ياقلىق قىلىنغان» ئىكەن. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا بۇ خىل «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىدا ئىش بېجىرىش» خىتايدا كەڭ ئەۋج ئالغان. 2019-يىلىغا كەلگەندە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى قىزىل بۇتخانا (خوڭمياۋزى) ساقچىخانىسى ۋە سانجى شەھىرىدىكى جيەنگولۇ ( دۆلەت قۇرۇلۇشى يولى)ساقچىخانىسى «مەملىكەتلىك ‹فېڭچياۋ ئۇسلۇبى›دىكى ئىلغار ساقچىخانا» بولۇپ باھالانغانىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە 32 ساقچىخانا ئۆزلىرىنىڭ «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىدىكى ساقچىخانا» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساقچىخانىلارنىڭ مۇشۇ خىل خىزمەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كەڭ مىقياستا داۋام قىلدۇرۇشتىكى ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا يالغان سوت ئارقىلىق ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلغانىدى. ئەمدى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى سوتمۇ ئاچماستىن شۇ جايلارنىڭ ئۆزىدىلا بىر ياقلىق قىلىۋېتىشنى مۇشۇ شەكىلدە قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىنى «قانۇنلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى كۆپ خىل شەكىل ئالغان ھالدا داۋام قىلماقتىكەن. «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى سوت مەھكىمىلىرى ھەرقايسى يېزىلاردا «سودىيەلەر خىزمەت ئۆيى» تەسىس قىلغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە پۇقرالارنىڭ ھەق-تەلەپ دەۋالىرىنى بىر ياقلىق قىلىشنى باشلىغان. لېكىن ئانالىزچىلار بۇنىڭ يېزا-قىشلاقلارغىچە خالىغانچە سوتلاش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇق ۋە تەقىبلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.