ئامېرىكا سىياسىيونلىرى خىتاي «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سان-فرانسىسكودا كۆرۈشۈپ، ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانغا بىر ھەپتىدەك بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇچرىشىش ئامېرىكادا داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنماقتا. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل مىككائۇل (Michael McCaul) بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچرىشىشتىن كېيىنلا خىتاي دۆلەتلىك «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. مايكىل مىككائۇلنىڭ قارىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن سۈنئىي ئەپيۈن دورىسى - فەنتانىل (fentanyl) غا قارشى ھەمكارلىشىش بەدىلىگە خىتاي دۆلەتلىك «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىشقا يارىشى گۇمانلىق ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى دۆلەتلىك «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» غا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. لېكىن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ ئورگاننىڭ 16-نويابىردىن باشلاپ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. رەئىس مايكىل مىككائۇل 20-نويابىر ئامېرىكا «Fox خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «فەنتانىل مەسىلىسىدىمۇ ھەمكارلاشماقچى بولدى. ئەلۋەتتە مەن بۇنىڭغا گۇمانى قارايمەن. بايدېن ھۆكۈمىتى ھەمكارلىق بەدىلىگە خىتاينىڭ ‹ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى›نى ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. ھالبۇكى، بۇ ئورۇن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنى مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرلىرىغا يۆتكەشكە قاتناشقان.»

جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئۇلار ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق تۈرى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت بايدىن كۆرۈشۈشنىڭ «ئىجابىي ھەم ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پرېزىدېنت بايدىننىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى رەھبەر ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە فەنتانىلغا قارشى ھەمكارلىشىشتىن سىرت، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ تەھدىتى ھەققىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.