خىتاي ۋاسىتىچىلىرى بىلەن مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىرلىشىپ، ئامېرىكاغا فېنتانىل ساتقان

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى زەھەرلەۋاتقان فېنتانىلغا زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ساقچىلىرى ۋە تەپتىش ئورۇنلىرى فېنتانىل زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان 24 ئادەمنى تۇتقان، 50 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى مۇسادىرە قىلغان. تەپتىش خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە فېنتانىل سودىسى قىلىدىغان خىتاي ۋاسىتىچىلىرى بىلەن مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ، پۇل يۇيۇش بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.

19-فېۋرال، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ۋاسىتىچىلىرى خىتايدىن چىقارغان فېنتانىل ياكى ئۇنى ياسايدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكاغا چىقىرىدىكەن، ئاندىن ئۇ يەردىن تاپقان نەق پۇلنى ئامېرىكادا ئۆي ئېلىش ۋە باشقا نورمال تىجارەتكە مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىدىكەن. خىتايدىن چەت ئەلگە دوللار سېلىشنىڭ تەسلىشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، ئۇلار فېنتانىل ئارقىلىق دوللار تېپىش ۋە پۇل يۇيۇش يولىغا ماڭغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۇل-مۇئامىلە ۋاسىتىچىلىرى تورىنى پۈتۈنلەي تاقاش ھازىر ئەڭ قىيىن بولۇۋاتقان مەسىلە ئىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ بىر تەرىپى خەلقئارا سودىغا تۇتىشىدىكەن. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى ئۆتكۈزگەن بىر گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئامېرىكا زەھەرلىك بۇيۇملارنى چەكلەش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى دۇنيا مىقياسىدا زەھەرلىك بۇيۇملارنى سېتىش سوممىسىنىڭ 500 مىليارد دوللاردىن 750 مىليارد دوللارغىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 2024-يىل ئامېرىكا زەھەرلىك بۇيۇملارنى چەكلەش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ يىغىۋالغان 55 مىليون دانە فېنتانىل تابلېتى، 3600 كىلوگىرامدىن ئارتۇق فېنتانىل پاراشوكى ئامېرىكادىكى ھەر بىر ئادەمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشكە يېتىدىكەن.

ئامېرىكا زەھەرلىك بۇيۇملارنى چەكلەش ئىدارىسى 2020-يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان «فېنتانىلنىڭ ئامېرىكاغا ئېقىپ كىرىشى» ناملىق دوكلاتتىمۇ، خىتاي بىلەن مېكسىكا ئامېرىكىغا كىرىۋاتقان فېنتانىلنى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى دەپ كۆرسىتىلگەن.