مەلۇماتلارغا قارىغاندا، فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىدىكى ئۆكتەملىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قەدىمىي خەرىتىلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.
«فىلىپپىن گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىن ئۆزىنىڭ، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم دېڭىز تەۋەسىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان خەرىتىلەرنى ئىشلىتىپ، گېپىنى ئاقتۇرۇشقا تىرىشقان.
فىلىپپىن دائىرىلىرىمۇ نۆۋەتتە خىتاي تالىشىپ كېلىۋاتقان دېنىڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قەدىمىي خەرىتىدىن 60 پارچە تەييارلىغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى 1136 - يىللىرى، يەنى جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەزكۇر مەسىلىدە فىلىپپىن بىلەن يىرىكلەشكەن ۋە فىلىپپىنگە بېسىم ئىشلەتكەن.
خىتاي تەرەپ بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئاتالمىش قەدىمىي خەرىتىلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى.
فىلىپپىن دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فىلىپپىن قولىدىكى تارىخىي خەرىتىلەر خىتاي كۆرسەتكەن «تارىخىي ئىسپاتلارنى يەرگە قارىتىپ» قويىدىكەن.