فىلىپپىن خىتاينىڭ سۈنئىي ئارىلى ئەتراپىدا ھەربىي قۇرۇلۇش باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلىپ چىققاندىن كېيىن بىرۇنېي، مالايشىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئىزچىل نارازى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بەكمۇ زور بولغان بۇ رايونغا قاراتقان كەلگۈسى پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تىتۇ دېگەن جايدىكى خىتاينىڭ سۈنئىي ئارىلى ئەتراپىدا ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا فىلىپپىننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېلفېن لورېنزانا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ھازىرقى بۇ قۇرۇلۇش 2018-يىلىنىڭ بېشىدا تاماملىنىشى مۇمكىن» دېگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ سەرپ قىلىنماقچى ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى رودرىگو دۇتېرتۇ ئىزچىل «خىتاي بىلەن جەڭ قىلغاندىن كۆرە ئۇنىڭ بىلەن سودىلاشقان ئەۋزەل» دەپ قاراپ كەلگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، خىتاي بەرپا قىلىپ چىققان ئاراللار ھازىرقى يەتتىگە يەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى پات يېقىندا بۇ ئاراللارغا جايلاشماقچى ئىكەن.