خىتاي فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلاغا 31-دېكابىردىن ئىلگىرى خىتايدىن ئايرىلىشنى ئۇقتۇرغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.12.25

فىرانسىيەدىكى «لوبس» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم 25-دېكابىر كۈنى فىرانسىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 25-دېكابىر ئۇنىڭغا تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىپ، 2015-يىل 31-دېكابىردىن ئىلگىرى خىتايدىن ئايرىلىشىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرسۇلا يەنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان ماقالىسى ئۈچۈن ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرسۇلا بۇ يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 13-نويابىر يۈز بەرگەن «پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسى» نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قارشىلىق ۋەقەلىرىگە باغلىغانلىقىنى تەنقىدلىگەنلىكى ۋە«18-سېنتەبىر باي ۋەقەسى» نى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتى» دەپ يازغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلاردا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى 24-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينى دەرھال فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گۇتىيىرنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.