فرانسىيە يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە خىرىس قىلغان.
«ۋول ستېرېت ژورنال گېزىتى» دە پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، بىر فرانسىيە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىپ، خىتاي نەنشا تاقىم ئاراللىرى، دەپ ئاتايدىغان سىپراتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكى ۋە بۇ رايوندىكى خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن تىركەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ۋول ستېرېت ژورنال گېزىتى» دىكى ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى فرانسىيە ئۇرۇش پاراخوتىدىن «نەنشا ئاراللىرى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى زېمىن، سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلار نېمە؟» دەپ سورىغان.
فرانسىيە ئۇرۇش پاراخوتى بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا دېڭىزدا قاتناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خەلقئارا ئەركىن دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش چاقىرىقىغا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس، شى جىنپىڭنىڭ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا «خىتاينىڭ سىپراتىل تاقىم ئاراللىرىنى ھەربىيلەشتۈرۈشى پرېزىدېنت شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلى ئاق ساراينىڭ باغچىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ» دېگەن.
مەزكۇر يىغىندا فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورانس پارلېي فرانسىيەنىڭ ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن بىرگە ئىگىلىك ھوقۇقى ئىختىلاپتىكى بۇ رايوندا دېڭىز مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ۋول ستېرېت ژورنال گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدا قەيت قىلىنىشىچە، فرانسىيە ئۇرۇش پاراخوتى سىپراتىل تارىم ئاراللىرىنىڭ مىسچىف، رۇبى رېف، فېرىي كروس ئاراللىرىدىن ئۆتكەندە خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغان.
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىر تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنى ئېلىپ ماڭغان بىر تىك ئۇچار فرانسىيە ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن بىرگە ماڭغان ئىدى.