فىرانسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش ئالدىدا ئىكەن

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بېكىتىش ئالدىدا ئىكەن.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لېدرىئان يېقىندا «فرانسئىنفو رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «بۇ ئاتالغۇ بىر قانۇنىي ئاتالغۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك، بىز بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىش مۇزاكىرىلىرىگە تەييار» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كېيىن، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتكەن ئىدى. ئەگەر فىرانسىيە بۇنىڭغا قوشۇلسا، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ تونۇغان 4-دۆلەت بولۇپ قالىدىكەن.

فىرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لېدرىئان يۇقىرىقى رادىيوغا قىلغان سۆزىدە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈش تەلىپىنى يېڭىلاشقا چاقىرغان.