ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلغان

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئەۋەتكەن ھاۋا كىلىمات ئەلچىسى جون كېررى چارشەنبە كۈنى (12-ماي) دۆلەت مەجلىسى يىغىنىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن يەرشارى پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنلە لىنىيەسىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىسى دۆلەتتىن خام ئەشيا ئېلىش سودىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئىسپات بەرگەن جون كېررى، «خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھاۋا كىلىمات كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك» دېگەندەك گەپلىرى ھەمدە دۇنيادىكى 80 پىرسەنت قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ خىتايدا ياسىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدىكى قۇل ئەمگىكىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە بازىرىنى جانلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جون كېررى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىپ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئېيتماي كەلگەن. بۇ قېتىممۇ ئۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش سودىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىغا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.