ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى نەتىجە بەرمەكتە.
20- ئىيۇل كۈنى، «ۋول- سىترىت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەرگە قاراتقان تەكشۈرۈشنى چىڭىتىشى ۋە جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشى نەتىجىسىدە ھازىر خىتاينىڭ ئالما شىركىتى ۋە نايك شىركەتلىرىگە مال تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان بولۇپ قالغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما ۋە باشقا شىركەتلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىمچان ئېكران بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن «خىتاي لىنزا تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئەتراپىدىكى دۇكاندارلار ۋە بىر ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى ئۆتكەن يىلى دۆلەت قوللىشىدىكى ئەمگەك پروگراممىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ھازىر شۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بىرىمۇ بۇ شىركەتنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان.
يەنە ماسكا ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە ماسكىلىرى ئامېرىكانىڭ بىر تور سەھىپىسىدىمۇ سېتىلىدىغان «خۇبېي خەيشىن سەھىيە مەھسۇلاتلىرى گورۇھى چەكلىك شىركىتى» مۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنى توختاتقان. بىر خىزمەتچى مۇخبىرلارغا «شىركەت ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا شىنجاڭلىق ئىشىچىلارنىڭ توختامىنى ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلدى،» دېگەن.
خىتايدىكى نايك ماركىسى ئۈچۈن ئاياق ئىشلەپ چىقىرىدىغان «Taekwang» سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تارماق شىركىتى بۇلتۇرنىڭ ئىككىنچى پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىشچىلارنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتكەن.
«ۋول-سىترېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى قويغان چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ھەقىقەتەن بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن. بولۇپمۇ بۇنىڭدا باشلامچى رول ئويناۋاتقان ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان پاختا، پەمىدۇر ۋە پولىسىلىكون (كۆك تاش) نى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ھالقىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنى خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەپتىش قىلىشقا، قايتا تەشكىللەشكە ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىغان ئىكەن.