نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، فرانسىيە ساقچى تەرەپ فرانسىيەنىڭ نىسسې شەھىرىدە، 14 - ئىيۇل فرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى يۈز بەرگەن يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئادەملەرنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ھۇجۇم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇنىسلىق موھەممەد بولېل بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان بىر ئەر ۋە بىر ئايالنى تۇتقۇن قىلدى. مەزكۇر ھۇجۇم ۋەقەسىدە 84 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىتالىيە ساقچى تەرەپمۇ فرانسىيەنىڭ نىسسې شەھىرىدىكى ھۇجۇمغا قاتناشقانلىق گۇمانى بىلەن 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
ھازىرغىچە فرانسىيە ساقچى تەرەپ جەمئىي 7 ئادەمنى نىسسېدىكى ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قولغا ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە موھامماد بۇلېلنىڭ بۇرۇنقى ئايالىمۇ بار ئىكەن.
فرانسىيە پرېزىدېنت ئوللاند نىسسېدىكى ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ قارىغان بولۇپ، دائېش مەزكۇر ھۇجۇمنى سادىر قىلغانلىقىنى زىممىسىگە ئالغان.
فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدىن ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان جىددىي ھالەتنى يەنە ئۈچ ئاي سوزىدىغابنلىقىنى جاكارلىغان ۋە شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە ماتەم كۈنى قىلى بېكىتكەن.
پۈتۈن فرانسىيە بويىچە كۆپ ساندا ھەربىي ۋە ساقچى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىشلىرىغا جەلپ قىلىنغان.