دونالد ترامپ: «شى جىنپىڭ G-20 يىغىنىغا كەلمىسە باجنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمەن!»

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 10-ئىيۇن كۈنى خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا «خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىدە بىرلىككە كېلەلمىسەك تاموژنا بېجىنى 300 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرىمىز» دېگەنىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ 28-ئىيۇن كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئېچىلىدىغان G-20 يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكا قاتارلىق 19 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «شى جىنپىڭ بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن. ئەگەر ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلمىسە خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ سانىنى ئاشۇرىمەن» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكا ئىمپورت قىلىۋاتقان خىتاي ماللىرىغا 35-40 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئاخىرقى كېلىشىمگە كېلەلمىسە يەنە 60 پىرسەنت باجنىڭ قوشۇلۇشى ئېنىق ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەرى گېزىتى» نىڭ 11-ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سودا ئۇرۇشى ئۆتكەن يىگىرمە-ئوتتۇز يىل مابەينىدە «دۇنيا ئىقتىسادىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن كۈچ» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى «كۈچلۈك» لىكىنى روشەن نامايان قىلغان: خىتاي دۆلىتى بىر بولسا ئامېرىكانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ياۋاشلىق بىلەن ئورۇندىشى، بىر بولسا بۇنى رەت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ «ئاستا تەرەققىيات» لىنىيەسىگە چۈشۈشى زۆرۈر بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ خۇاۋېي قاتارلىق بىر قاتار چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكالىرى بولمىغاندا بىردىنلا ئاقساپ قېلىشى خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئاجىزلىقلارنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتكەن. بۇ ھال دۆلەت مۇداپىئەسى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، ئاۋىئاتسىيە سانائىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ئوخشاش ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى كىشىلەر «خىتاي ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ سودا ئۇرۇشى ئارقىلىق بېسىم قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇپ كېتەلەيدۇ» دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمما خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت بولغان خۇاۋېينىڭ تەقدىرى كىشىلەرنىڭ بۇ ئۈمىدىنىڭ قۇرۇق كۆپۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن «خىتايغا ئامېرىكىنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا چىقىش يولى يوق» دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ.