ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە شى جىنپىڭغا ئېغىز ئاچقان

28-ئىيۇن ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئېچىلغان G20 يىغىنىدىن بىر كۈن ئاۋۋال ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنزو ئابې ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن خوڭكوڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش نىزامى» ھەققىدە شى جىنپىڭغا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان،» دېگەن. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى بەكمۇ مۇھىم،» دېگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ G20 يىغىنى مەزگىلىدە خوڭكوڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىكەن. ھالبۇكى، خوڭكوڭ خەلقى ئېلىپ بارغان «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش نىزامى» غا قارشى نامايىش خەلقئارادا زور تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، شى جىنپىڭ بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان.

ئاقساراينىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى كېليەننى كونۋەي خوڭكوڭدىكى نامايىشقا ئىنكاس بىلدۈرگەن ۋاقىتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ G20 يىغىنىدا شى جىنپىڭدىن بۇ مەسىلىنى سورىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.