مەلۇم بولۇشىچە، خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىلىرى كۆپەيمەكتىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى خىتاي تەرەپ خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ يەر شارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.
بېيجىڭدىكى چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يەنە بۇ پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسى بىلەن سودا مۇھاپىزەت پىلانى مەسىلىسىدە باشقىلارغا «گېپىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان» ئىمتىيازغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن.
ھالبۇكى، خاڭجۇدىكى ئۇچرىشىش يېقىنلاشقانسېرى خىتاينىڭ بۇ ھەقتە سوققان دىپلوماتىك چوتلىرىدىن يوچۇق ئېچىلىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ پوزىتسىيىسىدىن بارغانسېرى تەشۋىشلەنمەكتىكەن.
بېيجىڭدىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ «ئۆگىنىش» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇ ھەقتە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا تەشەببۇس قىلىۋاتقان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك ئەھدىنامىسى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى چەتكە قاقىدۇ شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ھەق قىلغۇچ پىكىر ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ،» دەيدۇ.
مەزكۇر ئوبزورچى ماقالىسىدە يەنە «ئۇلار يەر شارىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى مونوپۇل قىلىۋېلىشنى ئويلايدۇ. ئاتالمىش "مۇقەددەس ئىتتىپاق" بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ يېڭى سىياسىي تەرتىپىنى قايتا بەلگىلەشنى، جۇڭگونى بۇ يېڭى تەرتىپتىن سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ،» دەپ يازىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە خىتاي ئۆزىنى ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيادىكى 2 - نومۇرلۇق زور كۈچ دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۆزىدە بۇ ھۆكۈمنى جەزىملەشتۈرەلەيدىغان ئىشەنچىنىڭ تېخى تۇرغۇزۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.