29-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك پروگراممىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامادىن، كېلەر ھەپتە خىتايدا ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باشلىقى ئالىم سېيىتوفنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«پرېزىدېنت ئوباما، 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك» دېيىلگەن.
ئالىم سېيىتوف باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررور باھانىسىدە باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى مانېۋىرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، مانېۋىرلاردا ھەتتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر قوراللارمۇ ئىشلىتىلدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىقىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى» دېگەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھەرقانداق قارشىلىقىنى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا قوراللىق ساقچىلار ۋە ھەربىيلەر ئارقىلىق باستۇرۇشنى كۆپەيتكەن.