خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلىش قارا قىلىنغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغاندىن باشقا يەنە، خاڭجۇ ئەتراپىدىكى 5 ئۆلكىدىكى نەچچە يۈزلىگەن زاۋۇتنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشتىن توختىتىشى خىتاي تورداشلىرىنىڭ نارازىلىقى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە خاڭجۇ شەھىرىنىڭ كۆك ئاسمىنىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي ھەتتا خاڭجۇ شەھىرىگە 400 كىلومېتىر كېلىدىغان شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلارنى «مۇھىتنى بۇلغايدۇ» دېگەن باھانىدە بۇيرۇق بىلەن ئىشتىن توختاتقان.
تورداشلار بۇ ھەقتە يازغان بەزى نارازىلىق ئىنكاسلىرىدا، «ھۆكۈمىتىمىز يۈز ئابرۇينى بەك مۇھىم بىلىدۇ، 2014-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارادىكى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدىمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ئىدى، شۇ چاغدا خېبېيدىكى چىنە-قاچا ئىشلەش بىلەن داڭ چىقارغان مەشھۇر جىڭدىجىن بازىرىدىكى زاۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تۈركۈمدىكى زاۋۇتلار ئىشتىن توختىغان ئىدى» دەپ يازغان بولسا، يەنە بەزى ئىنكاسلاردا مەسخىرە قىلىپ: «بۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۈتۈۋېلىش. مۇھىمى بۇ قېتىم يىغىنغا قاتنىشىدىغانلار چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن جاھانگىرلارغا نىسبەتەن بۇ خىل تەدبىر ئېلىنمىسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە» دېگەن ئىنكاسلارنى يازغان.