گ-7 دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئورتاق باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.11.09

«سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى» دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 8-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 «سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى» يەنى گ-7 دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى 6-نويابىردىن 8-نويابىرغىچە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مەزكۇر يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا گ-7 دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گ-7 دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالغانلىقىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى كونكرېت قەدەم تاشلاشقا دەۋەت قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «X» تىكى ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «گ-7 دۆلەتلىرى چوقۇم كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەم باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» .

گ-7 دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى باياناتىدا يەنە، خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلماسلىققا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەتالىشىدا خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنۇشقا چاقىرغان. ئۇلار باياناتىدا يەنە، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن G7 دۆلەتلىرى بۇ نۆۋەت ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، ھازىرقى داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىغا ئوخشاش جىددىي ۋەقەلەرنى ۋە ھەمدە يەنە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، سىڭىپ كىرىش، كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ئاساسىدىكى دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق سۆھبەتلەشكەن ئىكەن.

گ-7 دۆلەتلىرى گۇرۇھى تۇنجى بولۇپ 2021-يىلى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئورتاق باياناتىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.