بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى خاڭجۇدا ئۆزئارا ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.09.04

گ20 دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 3 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇ «شىخۇ» دۆلەت مېھمانسارىيىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى دۆلەت باشلىقى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئوباما بىلەن شى ئارىسىدىكى سۆھبەت ئۈچ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن خىتاي پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى رەسمىي تەستىقلىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتى گ20 دۆلەت يىغىنىدا پارىژ كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىغان.

تۈركىيەنىڭ ت ر ت رادىئوسىنىڭ يېزىشىچە، يىغىن جەريانىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشكەن. بولۇپمۇ، ئەردوغان بىلەن ئوباما ئۇچرىشىشىدا سۈرىيە، «فىرات قالقىنى ھەرىكىتى» ۋە تېررور مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ئەردوغان 15 - ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغاش بىلەن ئەيىبلەنگەن فەتۇللا گۈلەننى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىنى تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت ئەردوغان يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قېتىم تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئېنېرگىيە، يادرو ئېنېرگىيىسى، غازىئانتېپ ياڭىقىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشقا ئائىت بىر قىسىم كېلىشىملەر ئىمزالانغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گ20 دۆلەت يىغىنى ئېچىلىش جەريانىدا، يەكشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سېرگېي لاۋروف خاڭجۇدا ئۇچرىشىپ، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئائىت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.