ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ G-20 باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2022.11.08
ھىندىنوزىيە پرېزىدېنتى جوكوۋى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ 15- ۋە 16-نويابىر كۈنلىرى ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان G-20 دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
جوكوۋىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 دۆلەتنىڭ رەھبىرى بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. لېكىن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسىكي تېخىچە ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىغىنغا قاينىشىدىغان-قاتناشمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدنېت جوكوۋى پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىي ھەر ئىككىسىنىڭ «ئەگەر ۋەزىيەت يول قويسا، قاتنىشىشىمىز مۇمكىن» دېگەنلىكىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، ئاقساراي بىلەن جوڭنەنخەي پرېزىدېنت بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشسا، ئايرىم ھالدا يۈز تۇرانە ئۇچرىشىدىغان ياكى ئۇچراشمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق باياندا بولۇپ باقمىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 8-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ بايدېن بىلەن شى نىڭ يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى باسقۇچتا ھەر ئىككىلا تەرەپ بۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى خالىمايدىكەن.
ئەگەر بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ بالىدا ئۇچراشسا، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئاز كەم 2 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خاۋلېي شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى مەسئۇلىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بىر ۋاقىتتا يۈز تۇرانە كۆرۈشسە، بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ پرېزىدېنت بايدېنغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. ھالبۇكى، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى»، ئىككى تەرەپ يۇزتۇرانە كۆرشكەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەۋجۇت ھالەتتە تۈپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.