سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى 18-ئاپرىل كۈنى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان 7 دېموكراتتىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدىن بېرى، بۇ گۇرۇھنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قايتا تىلغا ئېلىشىدۇر. سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكى يىغىنىدا ئېلان قىلغان ئورتاق ئاخباراتىدا، «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بىزنىڭ چوڭ ئەندىشىمىزدۇر» دېيىلگەن ئىدى.
7 دۆلەت تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى 3 كۈنلۈك يىغىنى 18-ئاپرىل ئاخىرلاشقان. يىغىننىڭ قوشما ئاخباراتىدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى، خىتاي مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە، ئافغانىستان، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 نۇقتىلىق مەسىلە تىلغا ئېلىنغان. قوشما ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە شىنجاڭ ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خورلاش قىلمىشلىرىغا دائىر دوكلاتلاردىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا بولغان ئەندىشىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز، شۇنداقلا خىتاينى ‹خىتاي-ئەنگىلىيە قوشما ئاخباراتى› ۋە خوڭكوڭنىڭ يەرلىك قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ۋەدە ھەم قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»
قوشما ئاخباراتتا يەنە خىتاينى ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەھدىد، زورلاش، قورقۇتۇش ياكى قورال ئىشلىتىشتىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيدىغانلىقى، شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا «بىز مەۋجۇت ھالەتنى قورال كۈچى ياكى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىمىز. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەق تەلەپ قىلىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق. بىز خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىيلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇمىز» دېيىلگەن.