ئىتالىيەدىكى سىلسىلىيەدە ئاخىرلاشقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت«يەتتە دۆلەت گۇرۇھى، يەنى «گ-7» باشلىقلىرى يىغىنىدا شەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر باياناتتا شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش، كلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى شۇنىڭدەك سودا مەسىلىلىرى ئاساسىي نۇقتا بولسىمۇ، ئەمما يەتتە سانائەت دۆلىتى خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى بى قىسىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق مەيدانىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە بىرلەشمە باياناتتا ئېنىق قىلىپ، يەتتە دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇن پرىنسىپلىرى ئاساسىدا دېڭىز-ئوكيان تالاش-تارتىشلىرىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى، مەزكۇر يەتتە دۆلەتنىڭ «جىددى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى بىر تەرەپ ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
باياناتتا يەنە تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى دېڭىز رايونلىرىنىڭ «ھەربىيلەشتۈرۈلۈشىنى قەتئىي توختىتىش» تەكىتلەنگەن.
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى بەزى ئاراللاردا ھەربىي بازا قۇرغانلىقى ۋە ھەربىي ئايروپلانلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئامېرىكا ۋە باشقا تىنچ ئوكيا دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىمقى قاتتىق پوزىتسىيەسى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى يەكشەنبە كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشىگە قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان.