G7 رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى رۇسىيە، خىتاينىڭ سودا ئەمەلىيىتى ۋە سۈنئىي ئەقىل ئەخلاقىي قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلەشكەن

ئىتالىيەنىڭ بورگو ئېگنازىيا ساياھەت ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت يەنى G7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى 14-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى، رۇسىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەخلاقىي مىزانى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا رەھبەرلەر خىتاينىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا سېلىۋاتقان ئىقتىسادى بىخەتەرلىك تەھدىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئېشىنچا توكلۇق ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشى، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا، مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئورتاق مەيداندا تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ جۈمە كۈنى يەنى يىغىننىڭ 2-كۈنى G7 دۆلەت رەھبەرلىرىگە يۇقىرىقى مەسىلىلەر بويىچە خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش توغرىلىق ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدېن 13-ئىيۇن كەچتە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنىسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىر «پاكىت» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، G7 دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى مەسىلىلەردە كونكرېت قانداق ئورتاق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. لېكىن. ئامېرىكا بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە ھەربىي سانائىتىگە ياردەم قىلغان شىركەتلەرگە، جۈملىدىن بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 38 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كۆجۈملەشكەن نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر شارى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش تەرەققىيات پۇل-مۇئامىلە ئەسلىھەلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى كۈنتەرتىپكە قويغان. نۆۋەتتە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان « قەرز تۇزىقى دىپلوماتىيەسى» گە قارشى، ئۆزىنىڭ 600 مىليارد دوللارلىق يەر شارى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.