ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كولومبىيەلىك مۇشتلاشچى گېنې ھېرېرا سەھنىدە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» تەلەپ قىلدى

23-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ فلورىدا شتاتىدىكى تېمپا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كولومبىيەلىك ماھىر گېنې ھېرېرا سەھنىگە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن مايكا بىلەن چىقىپ، ئۇلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان.

گېنې ھېرېرا سەھنىگە كولومبىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» چۈشۈرۈلگەن ۋە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەت يېزىلغان مايكىنى كىيىپ چىققان.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېنې ھېرېرا: «بۇ مۇسابىقە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىزتىراپ تارتىۋاتقان ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتقانلار ئۈچۈندۇر. مەن بۇ مۇسابىقىنى يەنە بىر كۈن ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا بېغىشلايمەن. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! كۇباغا ئەركىنلىك! ھازىر زۇلۇم چېكىۋاتقان ھەر بىر ئىنسانغا ئەركىنلىك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېنې ھېرېرانىڭ بۇ جەسۇر ھەرىكىتى تۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق تاراتقۇلاردا نۇرغۇن قوللاشقا ئېرىشكەن. شۇ كۈنكى مۇسابىقىدە پورتىرىكالىق رەقىبى ئابدېل ۋېلاكۇز بىلەن مۇشتلىشىپ، رەقىبىنى يەڭگەن گېنې ھېرېرا بۇ مۇسابىقىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىل 31 ياشلىق گېنېرا ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كولومبىيەدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ كەسپىي مۇشتلاشچىلىق ھاياتى 2011-يىلى باشلانغانىدى.