18-ئىيۇل دۈشەنبە كەچ گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋۇزبۇرگ ناھىيىسىدىكى پويىزدا يولۇچىلارغا پالتا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 19-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى «ئىسلام دۆلىتى» بايانات بېرىپ مەزكۇر ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 17 ياشلىق ئافغانىستانلىق ياشنىڭ پالتا بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا، خوڭكوڭدىن كەلگەن تۆت نەپەر ساياھەتچى يارىلانغان، ئۇندىن باشقا مەزكۇر ۋاگوندىكى باشقا يولۇچىلاردىن 14 كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خەۋەردە ئۇلارنىڭ ۋەقەدە قورقۇپ كېتىپ ھوشىدىن كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، قاتىل قېچىش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پالتا بىلەن چاناپ يارىلاندۇرۇلغان 4 نەپەر ساياھەتچى خوڭكوڭلۇق بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن خوڭكوڭنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىدارلارنى يوقلىغان.
گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە، مەزكۇر ياشنىڭ گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلىگەن قورۇمىغا يەتمىگەن ئافغانىستانلىق مۇساپىر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋۇزبۇرگ ناھىيىسىدە بىر مەزگىل ياشىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدىن قولدا ياسالغان ئىسلام بايرىقى تاپقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، گېرمان ساقچىلىرى پويىزدا مەزكۇر ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، ئافغانىستانلىق بۇ ياشنىڭ قاتىللىق ۋەقەسىنى يالغۇز قىلغانلىقىنى، ھازىرغىچە بۇ ياشنىڭ بىرەر رادىكال تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما سەيشەنبە كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئىسلام دۆلىتى» مەزكۇر ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بېرىپ،، 17 ياشلىق ئافغانىستانلىق ئۆسمۈرنى «ئىسلام دۆلىتى جەڭچىسى» دەپ ئېلان قىلغان.